ئاق دوسكا، تامتەسۋىر ياكى ھۆججەتنى تېز كېسىپ ئالالايسىز. OneNote ئۇنى قىيىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بىز يەنە باسقان تېكىستنىمۇ تونۇيمىز، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كېيىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
سۇپىدىكى دىياگراممىنى قەلەم ئارقىلىق تەسۋىرلىيەلەيسىز. ئەگەر قوليازمىنى خەت بېسىشتىن تەبئىي ھېس قىلسىڭىز، ھەممە خاتىرىڭىزنى قوليازما شەكلىدە يازسىڭىز بولىدۇ.
نۇتۇقنىڭ ھەممە سۆز-جۈملىلىرىنى يېزىۋېلىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت مۇھىملىرىنى يازسىڭىزلا بولدى. OneNote خاتىرىلىرىڭىزنى نۇتۇق ئاۋازىغا ئۇلايدۇ، شۇ ئارقىلىق قايسى خاتىرىنى يازغىنىڭىزدا نېمىنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى بىلەلەيسىز.
OneNote تېكىست، بېجىرىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكلىرى ۋە جەدۋەللەرنى تېز ۋە جانلىق قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. لايىھەدىن ئەنسىرىمەڭ، بەتتىكى خالىغان يەرگە يېزىۋېرىڭ.
ئەگەر ئۇلارنىڭ تورخېتى سىزدە بولسا، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. ئاسان ۋە تېزلىكتە كىرىشىپ كېتەلەيسىز.
ياتاقداش ياكى مەكتەپداش بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر بىرلىكتە ئىشلىيەلەيسىز. تەھرىرلىك بەلگىسى كىملەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى سىزگە دەپ بېرىدۇ.
مەيلى ياتاقتا، ئۆيدە، كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسىدا ياكى قەھۋەخانىدا بولسىڭىزمۇ، خالىغان يەردە ۋە خالىغان ئۈسكۈنىدە ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيسىز. OneNote ھەممىنى سىز ئۈچۈن ماسقەدەملەپ تۇرىدۇ، ھەتتا بىرەر كىشى توردىن چۈشۈپ كەتسىمۇ شۇنداق.
تور تەتقىقاتى نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ ئاساسى. خالىغان تور كۆرگۈچتە بىر چېكىپلا خالىغان توربەتنى كېسىۋېلىپ، ئۇ بەتكە OneNote تا ئىزاھات بېرەلەيسىز.
نۇتۇق تامتەسۋىرلىرى ۋە قەغەزلىرىنى خاتىرىڭىز بىلەن بىللە ساقلاپ، بېسىش ياكى قەلەم بىلەن يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياكى يېنىغا خاتىرە قالدۇرالايسىز.
رەسىم ياكى باسمىلارنىڭ ئۈستىگە يېزىڭ. باغاقچىگە ئوخشاش شەكىلدە يېزىپ، ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭالايسىز. گىرۋەكلەرگە ئىنكاس يازالايسىز.
ئارخىپچىمۇ ياكى دۆۋىلىگۈچمۇ؟ OneNote ئۈچۈن ھەر ئىككىسى بەرىبىر. خاتىرە ۋە تۈرلىرىڭىزنى قۇرغان خاتىرە دەپتەر ۋە بۆلەكلەردە ساقلاپ باشقۇرالايسىز. كىرگۈزگەن، قىيغان ياكى قولدا يازغان خالىغان تېكىستنى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايسىز.