قايتۇرۇش ۋە قايتا قويۇش
ئالدى-كەينىگە سۈرۈپ، ئوي-پىكىرنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈڭ. مۇھىم مەزمۇنلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇتۇڭ. ئىشلەتكەنسېرى ئىلھامىڭىز ئاشىدۇ.
OneNote نىڭ لايىھەسى يېڭىلاندى ۋە بوياق قوراللىرى قوشۇلدى. تەپسىلاتىنى كۆرۈش
قولدا خاتىرە يېزىڭ، پۈتۈكلەرگە ئىزاھات قوشۇڭ ياكى كۆزقاراشلىرىڭىزنى سىزىپ چىقىڭ. ھەرخىل قورال ۋە ئۈنۈملەر ئارقىلىق ئىجادىيلىقنى جارى قىلدۇرالايسىز. رەقەملىك بوياق ئارقىلىق تەبىئىي قەلەم-قەغەزنىڭ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىسىز.
ئالدى-كەينىگە سۈرۈپ، ئوي-پىكىرنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈڭ. مۇھىم مەزمۇنلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇتۇڭ. ئىشلەتكەنسېرى ئىلھامىڭىز ئاشىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار رەقەملىك قەلەم ۋە مەۋھۇم قەغەز ئىشلەتكەندە ئىجادىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەبىئىي پەنلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەسكى-تۈسكى قەغەز دۆۋىسىگە تولغان ئۈستەلنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. قەلەم بىلەن قەغەزنىڭ دەۋرى ئالماشتى.
ئەڭ ئاددىي ماتېماتىكا بىلىملىرىدىن تارتىپ، دىففېرېنسىيال-ئىنتېگرال ۋە ھەرخىل تەڭلىمىلەرگىچە بولغان نەرسىلەرنى قولدا يېزىپ، تەھرىرلىگىلى بولىدىغان تېكىستقا ئايلاندۇرالايسىز. ئاندىن باسقۇچلۇق كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق يېشەلەيسىز. بۇ ھېسابلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
تىزىملىك قۇرۇڭ، ساياھەت ياكى كۈنىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈڭ. بوياق ئارقىلىق كاللىڭىزغا كەلگەننى تېخىمۇ تېز ۋە قولاي ھالدا تارتىپ چىقىرالايسىز.
OneNote تىكى PDF ۋە Office پۈتۈكلىرىنىڭ مۇھىم جايلىرىغا ئىزاھات بېرىڭ، يورۇتۇڭ ۋە گەۋدىلەندۈرۈڭ. بوياق ئارقىلىق دېمەكچى بولغانلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق دېيەلەيسىز.
كۆزقاراشلىرىڭىزنى خۇددى قەلەم بىلەن قەغەزگە يازغاندەكلا تېز ۋە تەبىئىي ئۇسۇلدا يېزىڭ. تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى سىزىپ چىقالايسىز.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرالايدۇ *
ئوقۇتقۇچىلار نومۇر قويۇش ۋاقتىنى تېجىيەلەيدۇ *
ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش ۋاقتىنى تېجىيەلەيدۇ*
OneNote كەسكۈچ تورخەت ئارقىلىق OneNote قا ئەۋەتىش Office Lens ئالقىشلىق ئەپلەر
OneNote ياردەملىرى مەھەللە مۇنبىرى ياردەم مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىش