OneNote مائارىپ ھەمكارلاشقۇچىلىرى

Blackbaud
Blackbaud دا بىز شەخسىي مەكتەپلەر يۈزلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىمىز، شۇنداقلا بىز مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا تاپشۇرۇق ئىشلىيەلەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا تىزىملاپ كىرىپ نومۇر قويالايدىغان، ئاتا-ئانىلار ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلەيدىغان، مەكتەپ خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ۋە باشقا نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بولغان، زامانىۋىي تورلاشقان بۇلۇت سىستېمىسىنى ئىشلەشتە مەخسۇسلاشقان.
Blackboard
خەلقئارالىق مائارىپ ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى قولايلاشتۇرىدىغان ئىجادىي تېخنىكا ۋە مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزۈش Blackboard نىڭ بۇرچىدۇر. Blackboard ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچىلەرگە ئەڭ قولايلىق ئۇسۇللارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.
Brightspace
مائارىپ تېخنىكىسىدا خەلقئارالىق يول باشلىغۇچى كارخانا بولغان D2L دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي بىر گەۋدىلەشكەن ئۆگىنىش سۇپىسى Brightspace نىڭ قۇرغۇچىسىدۇر. D2L نىڭ ئوچۇق ۋە كېڭەيتكىلى بولىدىغان سۇپىسىنىڭ ئالىي مائارىپ، K-12، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1,100 دىن ئارتۇق خېرىدارى بار بولۇپ، 15 مىليونغا يېقىن كىشى ئۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ لايىھەسى Office 365, Outlook, OneDrive, Mix ۋە OneNote قاتارلىقلاردا كەم-كۈتىسىز ئىشلەيدۇ.
Canvas
99.9% ۋاقىتتا نورمال ئىشلەيدىغان Canvas ئىشلىتىشچان، خاسلاشتۇرما، ماسلىشىشچان ۋە ئىشەنچىلىك ئۆگىنىش سۇپىسى. ئۇ باشقا ھەرقانداق ئۆگىنىش باشقۇرۇش سىستېمىسى (LMS) غا قارىغاندا تېز ۋە كەڭ ئىشلىتىلگەن. Canvas نىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىشنى قانداق ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
itslearning
بۇيەردە، مائارىپ مەركىزىدە بىر k12 LMS نى تاپىسىزكى، باشلانغاندىن ئىتىبارەن شۇنداق ئۇقۇشلۇقتۇر، ئۇنى ئىشلىتىش بىر ھوزۇردۇر. شۇنداق ئىدراكلىقكى، ھەر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ستاندارتلارغا ئۇيغۇن ئۆگىنىش مەنبەلىرى تەۋسىيەلەۋاتقاندا فىزىكىۋىي دەرسخانا چەكلىمىلىرى بىلەن قارشىلىشىدۇ. ۋە شۇنداق ئىلھام بەرگۈچىكى، ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشكە تاماشانى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
LoveMySkool
LoveMySkool، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى مائارىپچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا قېتىلىشلىرى ئۈچۈن قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ يۈكسەك ھالدا كېڭەيتىلگەن ئالاھىدىلكلىرى ئۇنى ئەڭ ياخشى «ئۆگىنىش باشقۇرۇش سىستېمىلىرى» نىڭ بىرى قىلىدۇ.
Moodle
Moodle دۇنيانىڭ ئوچۇق مەنبەلىك ئۆگىنىش سۇپىسى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېت، ئىش ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئورۇنلار 100 دىن ئارتۇق تىلدا ئىشلىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك خاسلاشتۇرما ئىقتىدارلىق قورال ساندۇقلىرى، كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىدىغان ھەمراھ ئەپلەر ئارقىلىق ئالىي قۇرۇلمىلىق تەربىيەلەشتىن تارتىپ ئوچۇق ھەمكارلىق سۇپىلىرىغىچە ھەممە ساھەدە تور مۇھىتى ۋە ئارىلاشما مۇھىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
NEO By Cypher Learning
NEO بولسا مەيلى ئونلايىن دەرسلەر قۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش بولسۇن ياكى ئۇتۇقلارنى ئىزلاش بولسۇن جىمى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ئىنشا قىلىشنى ۋە باشقۇرۇشنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر ئۆگىنىش باشقۇرۇش سىستېمىسى (LMS) دۇر.
Sakai
Sakai، ئېسىل ئۆگىتىم، زورلىغۇچى ئۆگىنىش ۋە دىنامىك ھەمكارلىشىشنى ئاكتىپلايدىغان مول مىقداردا قۇۋۋەتلىك ۋە ئېلاستىك قوراللارنى تەمىنلەيدۇ.
School Bytes
School Bytes ئۆگىنىش باشقۇرۇش سىستېمىسى (LMS) دىكى OneNote سىنىپ خاتىرىسى قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرەلەيدۇ ۋە نومۇر قويالايدۇ، ھەمدە بۇ ئۆزگەرتىشلەر School Bytes قا ئاپتوماتىك ئېلان قىلىنىدۇ، مەلۇماتلارنى قولدا كىرگۈزۈش ھاجەتسىز. Microsoft Office Online بىلەن يوچۇقسىز بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىككە كەلگەن ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق Office 365 مۇھىتىدىن پايدىلىنىدۇ.
Schoology
Schoology ھەمكارلىقنى ئۆگىنىش مەشغۇلاتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەپ قارايدىغان مائارىپ تېخنىكا شىركىتى. Schoology مائارىپى كىشىلەر، مەزمۇن ۋە سىستېمىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، مائارىپنى خاسلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كېرەك بولغان بارلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنيادىكى 60,000 دىن ئارتۇق K-12 مەكتەپلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى 12 مىليوندىن كۆپ كىشى Schoology ئارقىلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.