OneNote سىنىپ خاتىرىسى
ۋاقىت تېجەڭ. رەتلەڭ. ھەمكارلىشىڭ.
OneNote سىنىپ خاتىرىسىدە ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن شەخسىي ئىش ئورنى، كونسىپىك مەزمۇن ئامبىرى، دەرس ۋە ئىجادىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.
سىنىپ خاتىرىسىگە تىزىملاپ كىرىش

مەكتەپ بەرگەن Office 365 ھېساباتىڭىز ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ باشلاڭ.
سىنىپ خاتىرىسى قىستۇرمىسى
OneNote ئۈستەليۈزى (2013 ياكى 2016) ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ يېڭى ھەقسىز قىستۇرما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپ خاتىرىسى بىلەن ۋاقىت تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. قىستۇرمىدا بەت ۋە بۆلەك تارقىتىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تېز تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
ئەسكەرتىش: Windows 10، تور، Mac ۋە iPad نۇسخىسىدىكى OneNote ئىشلەتكۈچىلىرى سىنىپ خاتىرىسىنى ئايرىم قاچىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ پروگرامما ئىچىگە ئاللىقاچان ئورنىتىۋېتىلگەن.

ئەگەر سىنىپ خاتىرىسى قىستۇرمىسىنى كۆپ كومپيۇتېر ئارا ئورناتماقچى بولسىڭىز ياكى سىز ئۇچۇر-تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى بولسىڭىز، بۇ يەرنى چېكىپ، تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.

دەرس مەزمۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ
دەرس پىلانلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ رەقەملىك خاتىرىسىگە جايلاشتۇرۇڭ.
ھەممە نەرسىنى OneNote سىنىپ خاتىرىسىدە ساقلاپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىزدىگۈچىسى ئارقىلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى تاپالايسىز، ھەتتا رەسىم ياكى قوليازمىلاردىكى تېكىستنىمۇ ئىزدىگىلى بولىدۇ.
خاتىرىلىرىڭىز ئاپتوماتىك ساقلىنىدۇ ۋە خالىغان ئۈسكۈنىدە تورلۇق ياكى تورسىز ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ.
ھەقسىز ئۆزئارالىق تور مائارىپى
< OneNote ئارقىلىق رەتلەش
ئۆزئارالىق دەرسلەرنى قۇرۇڭ ۋە يەتكۈزۈڭ
سىنىپ خاتىرىڭىزگە تور مەزمۇنلىرىنى يىغىپ ۋە بار دەرسلەرنى قىستۇرۇپ، ئىختىيارىي دەرس پىلانلىرىنى تۈزەلەيسىز.
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزئارالىققا ئىگە دەرسلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈن-سىن قوشالايسىز.
ئوقۇغۇچىلار كۈچەيتمە قوراللار ئارقىلىق مەزمۇن گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ، تامتەسۋىرگە چۈشەنچە يازالايدۇ، دىياگراممىلارنى كۆرسىتەلەيدۇ ۋە قوليازما خاتىرە قالدۇرالايدۇ.
سىنىپ خاتىرىڭىز تاپشۇرۇق، سوئال، ئىمتىھان ۋە كونسىپىكلارنى يىغىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار مەزمۇن ئامبىرىغا بېرىپ تاپشۇرۇق ئالالايدۇ. قەغەزگە باسقان تاپشۇرۇقلارنى سىنىپقا كۆتۈرۈپ كېلىش ھاجەتسىز.
ھەقسىز ئۆزئارالىق تور مائارىپى
< OneNote ئارقىلىق ئۆزئارالىق دەرسلەرنى قۇرۇش
ھەمكارلىشىڭ ۋە تەكلىپ بېرىڭ
بىۋاستە ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىي خاتىرىسىگە بېسىش ياكى يېزىش ئارقىلىق خاس ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
ھەمكارلىق بوشلۇقى ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۇلارغا پىكىر بېرەلەيدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.
ياردەم سوراۋاتقانلارنى خەتكۈچ بويىچە ئىزدەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا تەكلىپ بېرەلەيدۇ.
ھازىر باشلاڭ
ۋاقىت تېجەڭ. رەتلەڭ. ھەمكارلىشىڭ.
OneNote سىنىپ خاتىرىسىدە ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن شەخسىي ئىش ئورنى، كونسىپىك مەزمۇن ئامبىرى، دەرس ۋە ئىجادىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.
سىنىپ خاتىرىسى قىستۇرمىسى
OneNote ئۈستەليۈزى (2013 ياكى 2016) ئۈچۈن ئىشلەنگەن بۇ يېڭى ھەقسىز قىستۇرما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپ خاتىرىسى بىلەن ۋاقىت تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. قىستۇرمىدا بەت ۋە بۆلەك تارقىتىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تېز تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.