ئالقىشلىق ئەپلەر
بۇ ئەپ ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق OneNote نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇڭ.
Brother Web Connection
Brother ماشىنىڭىز (MFP/پۈتۈك سايىلىگۈچ) رەسىملەرنى سايىلەپ، ئۇلارنى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىسىزلا OneNote ۋە OneDrive غا چىقىرالايدۇ.
Chegg
ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە Chegg Study Q&A دىن ئېرىشكەن مۇھىم جاۋابلارنى OneNote قا ساقلىيالايدۇ. OneNote نىڭ «قىيىش» كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىش ناھايىتى ئاسان. ئۇ ئارقىلىق تېما، دەرس ۋە ۋەزىپىلەرنى OneNote تا ئىزدىگىلى بولىدىغان قىلىپ رەتلىيەلەيسىز. نادىر ئۆگىنىش كۆرسەتمىلىرىنى قۇرالايسىز ۋە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.
cloudHQ
OneNote خاتىرىلىرىڭىزنى cloudHQ بىلەن بىرلەشتۈرەلەيسىز. خاتىرىلىرىڭىزنى Salesforce, Evernote, Dropbox لارغا ئوخشاش داڭلىق بۇلۇت مۇلازىمەتلىرى بىلەن ماسقەدەملىيەلەيسىز. باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاسان، خالىغان ئەپتە كۆزقاراشلىرىڭىزنى ئورتاقلىشالايسىز ۋە ئۇلارنى OneNote قا ئاپتوماتىك ماسقەدەملىيەلەيسىز. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈۋېتىپ قالغاندا كۆزقاراشلىرىڭىزنى يۈتۈپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى يەنە باشقا بۇلۇت مۇلازىمەتلىرىگە زاپاسلىيالايسىز.
Newton
Newton ئارقىلىق بىر چېكىپلا مۇھىم تورخەتلەرنى OneNote قا ساقلىيالايسىز. تالون، رىسالە ياكى خېرىدارلارنىڭ مۇھىم تورخەتلىرىنى Newton ئارقىلىق OneNote قا ساقلاپ، مۇھىم نەرسىلەرنى رەتلىك تۇتالايسىز.
Docs.com
Docs.com ئىشلەتكۈچىلىرى OneNote خاتىرىسى ئارقىلىق خاتىرە ياكى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقىتالايدۇ. ئۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار OneNote خاتىرىڭىزنى كۆرەلەيدۇ ۋە قايتا ئىشلىتەلەيدۇ، خاتىرە تېخىمۇ ئاۋاتلىشىدۇ ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى ئاشىدۇ.
Doxie Mobile Scanners
Doxie بولسا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قەغەز سايىلىگۈچ، خالىغان جايدا ھۆججەت سايىلىيەلەيسىز - كومپيۇتېرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭغا توك قاچىلاپ ئاچسىڭىزلا بولىدۇ، قەيەردىلا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر قەغەز، تالون ياكى رەسىمنى ئۇنىڭغا قىستۇرۇپ، سايىلەش، ئارخىپلاش ياكى ئورتاقلىشىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. Doxie ئارقىلىق خالىغان جايدا سايىلەپ، سايىلىگەن نەرسىلەرنى OneNote قا ماسقەدەملىگىلى بولىدۇ، ئاندىن بارلىق سايىلىگەن ھۆججەتلىرىڭىزنى بارلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆرەلەيسىز
EDUonGo
EDUonGo ئارقىلىق خالىغانلار توردا بىلىم ئالالايدۇ ياكى دەرس ئوقۇيالايدۇ. EDUonGo ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلەرنى ئۆز خاتىرىلىرىگە ئاسانلا چىقىرالايدۇ. بۇ ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشى ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ OneDrive ھېساباتىغا ئۇلىنالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەرسىڭلارغا Office Mix دىكى سىنلارنى قوشالايسىلەر.
OneNote قا تورخەت ئەۋەتىش
ئالدىراش كېتىۋاتقاندا ئۇچرىغان مۇھىم نەرسىلەرنى رەسىمگە تارتىپ تورخەت ئارقىلىق خاتىرىڭىزگە ساقلىۋالالايسىز! پۈتۈك، خاتىرە، سەپەر خاتىرىسى ۋە خالىغان نەرسىنى me@onenote.com گە يوللىسىڭىزلا، بىز ئۇنى OneNote خاتىرىڭىزگە ساقلاپ قويىمىز، ئاندىن ئۇلارنى خالىغان ئۈسكۈنىڭىزدە ئاچالايسىز.
Epson Document Capture Pro
Document Capture Pro ئارقىلىق پۈتۈك سايىلەش، بەت تەھرىرلەش، ھۆججەت ساقلاش ۋە Workforce® DS-30, DS-510, DS-560 ياكى باشقا تىپتىكى Epson سايىلىگۈچلىرى ئارقىلىق سايىلەنگەن ئۇچۇرلارنى ئەپكە يوللاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز. بىر چېكىپلا OneNote قا سايىلەپ چىقارغىلى، ھۆججەتلەرنى ئۈسكۈنىلەر ئارا زىيارەت قىلغىلى ياكى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولىدۇ.
eQuil Smartpen2 & Smartmarker
خالىغان ئارايۈزدە خاتىرە يېزىپ، ئۇلارنى eQuil Smartpen2 ۋە Smartmarker ئارقىلىق ئەقلىي ئارايۈزگە ئايلاندۇرۇپ، OneNote قا يوللىيالايسىز. بۇ نادىر كۆزقاراشلىرىڭىزنى يىغىپ ساقلايدىغان تەبئىي ئۇسۇل.
Feedly
Feedly ئوقۇرمەنلەرنى ئوقۇرمەنلەر قىزىقىدىغان ھېكايە ۋە ئۇچۇرلار بىلەن باغلايدۇ. feedly ئارقىلىق نادىر مەزمۇنلارنى بايقىيالايسىز ۋە ئۇلارغا ئەگىشەلەيسىز، خالىسىڭىز ئەڭ ياخشى ماقالىلەرنى بىر چېكىپلا ئۇدۇل OneNote قا ساقلىيالايسىز.
FiftyThree تەمىنلىگەن Paper ۋە Pencil
Pencil ۋە Paper ئارقىلىق ئوي-پىكرىڭىزنى يېزىپ، OneNote قا خاتىرىلىيەلەيسىز. كۈچەيتىلگەن، توغرا، ئىشلىتىش قولاي ۋە تونۇلغان Pencil ئارقىلىق سىزالايسىز ۋە يازالايسىز، ئەگەر خاتا يېزىپ قويسىڭىز، قەلەمنى سىيرىپلا تەبئىي ئۇسۇلدا بىۋاستە OneNote تا ئۆچۈرەلەيسىز. خاتىرە يېزىش، تىزىملىك ياساش ئىنتايىن قولاي، Paper گە سىزىپ، OneNote قا ئورتاقلاشقىلى ۋە ئورتاق خاتىرىدە بىرلىكتە ئىشلەش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى، ئاۋازلىق خاتىرە قوشقىلى ھەمدە مەزمۇنلىرىڭىزنى ئاساسەن ھەرقانداق ئۈسكۈنىدىن زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
Genius Scan
Genius Scan بولسا يانچۇق سايىلىگۈچى. ئۇ ئارقىلىق قەغەز ھۆججەتلەرنى رەقەملىك ھالەتكە كەلتۈرەلەيسىز، PDF ھۆججەتلىرىنى قۇرۇپ، OneNote قا ساقلىيالايسىز.
JotNot Scanner
JotNot بولسا iPhone نى ماسلىشىشچان كۆپ بەتلىك سايىلىگۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ. JotNot ئارقىلىق پۈتۈك، تالون، ئاق دوسكا، ئىسىم كارتىسى ۋە خاتىرىلەرنى سايىلەپ ئېلېكتىرونلۇق فورماتقا ئايلاندۇرالايسىز. JotNot ھازىر Microsoft نىڭ OneNote سۇپىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى، OneNote ھېساباتى ئارقىلىق سايىلىگەن نەرسىلىرىڭىزنى تېزلا زاپاسلىيالايسىز ۋە باشقۇرالايسىز.
Livescribe 3 Smartpen
Livescribe 3 smartpen ۋە Livescribe+ ئەپلىرى ئارقىلىق قەغەزگە خەت يازسىڭىز، ئۇ دەرھال كۆچمە ئۈسكۈنىڭىزدە كۆرۈنىدۇ، ئاندىن يازغانلىرىڭىزنى خەتكۈچلىيەلەيسىز، ئىزدىيەلەيسىز ۋە خاتىرىلەرنى تېكىستقا ئايلاندۇرالايسىز. خالىغان نەرسىنى OneNote قا ئەۋەتەلەيسىز، قوليازما خاتىرىلىرىڭىز ۋە ئورگىناللار باشقا مۇھىم ئۇچۇرلىرىڭىز بىلەن توپلاشتۇرۇلىدۇ.
Mod Notebooks
بۇ بۇلۇتتا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قەغەز خاتىرە. ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق قەلەم-قەغەز ئارقىلىق خاتىرە يېزىپ، ئۇلارنى ھەقسىز رەقەملەشتۈرەلەيسىز. پۈتكەن خاتىرىنىڭ ھەر بېتى OneNote قا ماسقەدەملىنىپ، مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.
NeatConnect
NeatConnect قەغەز دۆۋىلىرىنى رەقەملىك ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇدۇل OneNote قا ئەۋەتىدۇ - كومپيۇتېر بولۇشى ھاجەتسىز. ئۆيىڭىزدىكى خالىغان ھۇجرا ياكى ئىشخانىڭىزدىكى خالىغان بۇلۇڭدا تۇرۇپ، NeatConnect نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى ۋە سەزمە ئېكران يۈزى ئارقىلىق ماتېرىياللارنى OneNote قا سايىلەش ئىنتايىن ئاسان ۋە تېز. بۇ ئۇسۇل ۋاقىت تېجەيدۇ، ئىش ئۈنۈمى پۈتۈنلەي يېڭى سەۋىيەگە يەتكەن.
News360
News360 ھەقسىز، خاسلاشتۇرۇلغان خەۋەر قورالى بولۇپ، ئۇ سىز ئىشلەتكەن جەرياندا سىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، بارغانسېرى ئەقىللىقلىشىدۇ. 100,000+ دىن ئارتۇق مەنبەلەر ئىچىدە ھامان سىز قىزىقىدىغان نەرسە چىقىدۇ. ياقتۇرغانلىرىڭىزنى ساقلىۋېلىپ، بىر كۇنۇپكا چېكىپلا OneNote يىغالايسىز.
Nextgen Reader
Windows Phone ئۈچۈن لايىھەلەنگەن سۈرئىتى تېز ۋە كۆركەم RSS ئوقۇغۇچ. ئۇ ئارقىلىق ماقالىلەرنى ئۇدۇل OneNote قا ساقلىۋالالايسىز. بەھوزۇر ئوقۇڭ!
Office Lens
سىزدە Office Lens بولسا خۇددى يانچۇقىڭىزدا سايىلىگۈچ بولغانغا ئوخشايدۇ. ئۇ بولسا ئاق دوسكا، قارا دوسكا ياكى ھەرقانداق يەردىكى خاتىرىنى يۈتۈرۈپ قويمايسىز، بىرەر پۈتۈك، ئىسىم كارتىسى ياكى تالوننىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز! Office Lens رەسىملىرىڭىزنى سېھرىلىك ھالدا ئوقۇشچان ۋە قايتا ئىشلىتىشچان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. مەزمۇنلارنى ئۇدۇل OneNote قا يىغىپ، ئاپتوماتىك كەسكىلى ۋە تازىلىغلى بولىدۇ.
OneNote For AutoCAD
OneNote for AutoCAD ئارقىلىق AutoCAD دا سىزمىڭىزنىڭ ئەتراپىغا خاتىرە يازالايسىز. بۇ ئىقتىدار يەرشارىدىكى AutoCAD ئارقىلىق 2 ئۆلچەملىك ۋە 3 ئۆلچەملىك سىزمىلارنى سىزىدىغان قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. بۇ خاتىرىلەر بۇلۇتقا زاپاسلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر كېيىنكى قېتىم AutoCAD دىكى سىزمىنى ئاچقاندا بۇ خاتىرىلەر كۆرۈنىدۇ.
OneNote Class Notebooks
دەرس پىلانلىرى ۋە دەرس مەزمۇنلىرىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىي خىزمەت بوشلۇقى بولغان، كونسىپىك تارقىتىدىغان مەزمۇن ئامبىرى ۋە دەرس، شۇنداقلا ئىجادىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان رەقەملىك خاتىرىدە ئورۇنلاشتۇرالايسىز.
OneNote Web Clipper
OneNote Web Clipper ئارقىلىق توركۆرگۈچتىكى توربەتلەرنى OneNote خاتىرىڭىزگە ساقلىيالايسىز. بىر چېكىپلا خالىغان نەرسىنى ساقلىۋېلىپ، ھايات ئەسلىمىڭىزنى بېيىتالايسىز.
Powerbot for Gmail
مۇھىم تورخەت، سۆھبەت ۋە يۈكلەنمىلەرنى Gmail ئارايۈزىدىن بىۋاستە OneNote ساقلىيالايسىز. ئەپلەر ئارا ئالماشتۇرۇپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
WordPress
OneNote ئارقىلىق خالىغان ئۈسكۈنىدە، سۇپىلار ئارا، توردا ياكى تورسىز ھالەتتە WordPress يازمىلىرىنى يازالايسىز ۋە بار خاتىرلىرىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ناھايىتى ئاسانلا قايتا ئىشلىتەلەيسىز.
Zapier
Zapier بولسا سىز ئىشلەتكەن Salesforce, Trello, Basecamp, Wufoo ۋە Twitter گە ئوخشاش ئەپلەر ئارقىلىق OneNote قا ئۇلىنىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى. بۇ ئەپ ئارقىلىق خاتىرە زاپاسلاش، ۋەزىپە خاتىرىسى، ئالاقىداش، رەسىم، توربەت ۋە باشقىلارنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.