ئۇسلۇبىڭىزنى قۇرۇش
ئىلھام كەلگەندە ئوي-پىكرىڭىزنى قولياغلىق ياكى چاپلاق دېگەندەكلەرگە قالايمىقان يازامسىز؟ ياكى خاتىرىلىرىڭىزنى رەتلىك تۇتامسىز؟ مەيلى قانداقلا بولسۇن، OneNote سىزگە ياردەمچى بولالايدۇ. خۇددى قەلەمدە قەغەزگە يازغاندەك ۋە سىزغاندەكلا ئىشلىتەلەيسىز. رەسىملىك كۆزقاراشلارنى توردىن ئىزدەپ قىيالايسىز.

خالىغانلار بىلەن ھەمكارلىشىش
گۇرۇپپىڭىز بۇ ئەسىردىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئائىلىڭىز چوڭ يىغىلىش ئۈچۈن زىياپەت تەييارلاۋاتىدۇ. قەيەردە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىلەن ماسقەدەملىك تۇرۇڭ.

كۆزقاراشنى سىزىش
قەلەم ياكى بارماق ئارقىلىقلا تەييارلاش، بەلگىلەش، سىزىش مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايسىز. قوليازما خاتىرە قالدۇرۇپ، كېيىن باسما تېكىستقا ئايلاندۇرالايسىز. مۇھىم كۆزقاراشلارنى رەڭ ياكى شەكىللەر بىلەن گەۋدىلەندۈرەلەيسىز.

خالىغان يەردىن كىرىش
خاتىرە يېزىڭ. خاتىرىلىرىڭىزنى تورسىز ھالەتتىمۇ چىقىرالايسىز. خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزدا يېزىشنى باشلاپ، تېلېفونىڭىزدا يېڭىلىيالايسىز. OneNote ھەرقانداق ئۈسكۈنە ياكى سۇپىدا ئىشلەيدۇ.

-
Windows
-
Apple
-
Android
-
تور
Office تا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ
OneNote سىزگە تونۇش Office جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى. Outlook تورخەتلىرىدىن ئالغان نۇقتىلار ئارقىلىق خاتىرە شەكىللەندۈرۈش بولسۇن ياكى Excel جەدۋىلى قىستۇرۇش بولسۇن، بارلىق ئامراق Office ئەپلىرىڭىزنى تەڭ ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايسىز.

سىنىپتا ئۆزئارا باغلىنىش
ھەمكارلىق بوشلۇقىدا ئوقۇغۇچىلارنى توپلىيالايسىز ياكى شەخسىي خاتىرە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ياردەم بېرەلەيسىز. مەشىق-تاپشۇرۇقلارنى بېسىپ چىقىرىش ھاجەتسىز. مەركىزىي مەزمۇن ئامبىرى ئارقىلىقلا دەرس ئورۇنلاشتۇرالايسىز ۋە تاپشۇرۇق بېرەلەيسىز.
