كۆزقاراشنى سىزىش

قولدا خاتىرە يېزىڭ، پۈتۈكلەرگە ئىزاھات قوشۇڭ ياكى كۆزقاراشلىرىڭىزنى سىزىپ چىقىڭ. ھەرخىل قورال ۋە ئۈنۈملەر ئارقىلىق ئىجادىيلىقنى جارى قىلدۇرالايسىز. رەقەملىك بوياق ئارقىلىق تەبىئىي قەلەم-قەغەزنىڭ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىسىز.

تەپسىلاتى

قايتۇرۇش ۋە قايتا قويۇش

ئالدى-كەينىگە سۈرۈپ، ئوي-پىكىرنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈڭ. مۇھىم مەزمۇنلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن يورۇتۇڭ. ئىشلەتكەنسېرى ئىلھامىڭىز ئاشىدۇ.

چۈشۈرۈش

ئوقۇغۇچىلار بوياق ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ

ئوقۇغۇچىلار رەقەملىك قەلەم ۋە مەۋھۇم قەغەز ئىشلەتكەندە ئىجادىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەبىئىي پەنلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەسكى-تۈسكى قەغەز دۆۋىسىگە تولغان ئۈستەلنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ. قەلەم بىلەن قەغەزنىڭ دەۋرى ئالماشتى.

رەقەملىك ماتېماتىكا يېتەكچىسى ئارقىلىق تېز ئۆگىنىڭ

ئەڭ ئاددىي ماتېماتىكا بىلىملىرىدىن تارتىپ، دىففېرېنسىيال-ئىنتېگرال ۋە ھەرخىل تەڭلىمىلەرگىچە بولغان نەرسىلەرنى قولدا يېزىپ، تەھرىرلىگىلى بولىدىغان تېكىستقا ئايلاندۇرالايسىز. ئاندىن باسقۇچلۇق كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق يېشەلەيسىز. بۇ ھېسابلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

چۈشۈرۈش

بوياق خالىغان ئۈسكۈنە ياكى سۇپىدا ئىشلەيدۇ

ئىشلىرىڭىزنى رەتلەڭ

تىزىملىك قۇرۇڭ، ساياھەت ياكى كۈنىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈڭ. بوياق ئارقىلىق كاللىڭىزغا كەلگەننى تېخىمۇ تېز ۋە قولاي ھالدا تارتىپ چىقىرالايسىز.

چۈشۈرۈش

جانلىق ھەمكارلىق

OneNote تىكى PDF ۋە Office پۈتۈكلىرىنىڭ مۇھىم جايلىرىغا ئىزاھات بېرىڭ، يورۇتۇڭ ۋە گەۋدىلەندۈرۈڭ. بوياق ئارقىلىق دېمەكچى بولغانلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق دېيەلەيسىز.

چۈشۈرۈش

ئىلھامىڭىزنى سىزىڭ

كۆزقاراشلىرىڭىزنى خۇددى قەلەم بىلەن قەغەزگە يازغاندەكلا تېز ۋە تەبىئىي ئۇسۇلدا يېزىڭ. تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى سىزىپ چىقالايسىز.

چۈشۈرۈش

بوياق تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ

88%

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرالايدۇ *

50%

ئوقۇتقۇچىلار نومۇر قويۇش ۋاقتىنى تېجىيەلەيدۇ *

67%

ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش ۋاقتىنى تېجىيەلەيدۇ*